send link to app

Ulinix app for iPhone and iPad


4.2 ( 6592 ratings )
Productivity Navigation
Developer: 尼扎木丁 瓦哈甫
Free
Current version: 2.0.3, last update: 7 years ago
First release : 04 Apr 2014
App size: 12.56 Mb

ئۇلىنىش (www.ulinix.cn) تورى 2005-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلىنىش تورىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ كۆركەم ھەم چىرايلىق بولۇشى، مەزمۇنلىرىنىڭ يېڭىلىنىشىنىڭ تېز بولۇشى سەۋەبلىك، يىللاردىن بېرى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ تور كۆرگۈچىنىڭ باش بېتىگە ئايلانغان، نۇر تورى ۋە ئۇچۇر تورىنىڭ يانفون ئەپ دېتاللىرىنى ئېلان قىلىپ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان. ئۇلىنىش شىركىتى ئۇلىنىش تورىنى ھازىرقى يانفون دەۋرىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلۇدۇرۇش مەقسىتىدە ئۇلىنىش تورىنىڭمۇ ئەپ دېتالىنى ياساپ چىقتى. تورداشلارنىڭ بۇ ئەپنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى ۋە تارقىتىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.ئۇيغۇرچە يانفون تور بېكەتلىرىنى ئېقىم تېجىگەن ئاساستا زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.
2.ئۇيغۇرچە تور بېكەتتىكى مەزمۇنلارنى ئۈندىدار ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ.
3.ئۇلىنىش تورىدىكى ئەڭ يېڭى ناخشىلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
4.خەنزۇ تىلىدىكى بىر قىسىم داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ يانفون بېتىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.
5.نۇر تورىدىكى ئەڭ ئاۋات خەۋەرلەرنى كۆرگىلى ۋە ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ.
6. ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان
7. ھاۋارايىدىن مەلۇمات قوشۇلغان
8. باش بەتكە سىزنىڭ ياقتۇرۇشىڭىزغا قارىتا مەزمۇنلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ